15.09.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1490890
15.09.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، دۇنيا تەييارلىقلار كۆزىتىش كېڭىشىنىڭ، «دۇنيا رەھبەرلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تەييار ئەمەس ئىدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەددەستۇر گېزىتى»، لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىدا چىققان قوراللىق ئېتىشىشتا تۆت ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئىسىرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى بانكانىڭ، تىنچلىق كېلىشىمى ھارپىسىدا «كېلىشىم» ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» تورى (Bild.de)، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ گىرېتسىيەدىكى مۇساپىرلار ئۈچۈن ياردەم پىلانى ئېلان قىلىپ، گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىدىن تېخىمۇ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىيگېل.دې» تورى (Spiegel.de)، ئامېرىكادىكى داڭلىق مىلياردېر كارخانىچى بىل گېيتېس (Bill Gates ) نىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرگە: «ۋۇخەن ۋىرۇسىنى مەن تاپمىدىم» دەپ جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئا ر د» تورى (ard.de)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ، ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى سەھىيە كىرىزىسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پېدرو سانچېز ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتىكى مەركىزى دوختۇرخانىنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارى ئۈچۈن دوختۇر يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ مۇھىم كىشىلىرىدىن ئالېكس سائاب (Alex Saab) قا چېتىلىدىغان 700 مىليون دوللارنى توڭلاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە، فىرانسىيە خەلقىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى يولغا قويۇشنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۆسۋا گېزىتى» (Le Soir)، بېلگىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىش سانىدىكى ئېشىشنىڭ ئىزچىل ئېشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رۇنىيۇس24.رۇ» تورى (RuNews24.ru)، كراسنويارسك-ئىستانبۇل ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن تارتىپ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ر ت» تېلېۋىزىيەسى (RT)، پۇتىننىڭ بېلارۇسىيەگە 1.5 مىليارد دوللار قەرز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ۋېدوموستى گېزىتى» (Vedomosti)، نىيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ رۇسىيەدىكى پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەخپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالني (Aleksey Navalny) نىڭ رۇسىيەگە قايتىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر