14.09.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1490251
14.09.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ «‹Welt.de› خەۋەرلەر تورى»،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 گىرېتسىيەنىڭ «‹مورىيا› مۇساپىرلار لاگېرى» دا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 12 مىڭ پاناھلىق تىلىگۈچى كوچىدا قالغان «مىدىللى ئارىلى» دا 300 كىشىلىك يېڭى بىر چېدىر لاگېرى قۇرۇلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Spiegel.de› خەۋەرلەر تورى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» گېرمانىيەدە ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. تور مائارىپى باشلانغۇچتا ياخشى چارىدەك كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئەمدىلىكتە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار يۈزتۇرانە ئوقۇش مائارىپىغا ئۆتۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

گېرمانىيەنىڭ «‹Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

كۆپ ساندىكى ئامېرىكالىقلار «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قۇرۇلمىسى ياۋروپادىكىدەك كۈچلۈك بولمىغان دۆلەتتە، كۆپ ساندىكى ئائىلىلەر پەقەت يېمەك - ئىچمەك ياردەم بۇيۇملىرى ئارقىلىقلا تۇرمۇشىنى قامدىماقتا.

قاتارنىڭ «‹Al Jazeera› تېلېۋىزىيە قانىلى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى «مېئىس ئارىلى» غا بارغان بىر پەيتتە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارمۇ، تۈركىيە تېرروتېرىيەسى ئىچىدە ئاشۇ ئارالغا يېقىن بىر يەردە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا تۈركىيەنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلماقتا.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، «قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى، ئافغانىستان خەلقى كۈتۈۋاتقان تارىخىي بىر پۇرسەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ، «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ نورماللىشىشى، ئىقتىسادىمىزغا مىلياردلارچە دوللارلىق كىرىم كىرگۈزىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El País› گېزىتى»، ئىسپانىيەدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ، شەھەر سىرتىدا مۇستەقىل ئۆيلەرنى تاللاش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، ئىسپانىيەدە قايتىدىن مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن بېسىمغا ئۇچرىمىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى قارارنىڭ ئىسپانىيەگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹El Nacional› گېزىتى»، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىمارلىرى ئۈچۈن يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش مەركىزىنى  قۇرغانلىقىنى يازدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Soir›  گېزىتى»، بىريۇسسېلدا 4 مىڭ كىشىلىك سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى  كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون لىۋاندا ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش خىزمىتىنىڭ تېزلىك بىلەن تاماملىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro› گېزىتى»، «گىرېتسىيە فىرانسىيەدىن 18 دانە <رافالې> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹Lenta.ru› خەۋەرلەر تورى»، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكونىڭ سوچىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «<رىيا نوۋوستى> گېزىتى» (Ria Novosti)، رۇسىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ «AWACS»  تىپلىق  ئايروپىلانلارنى پاچاقلاپ تاشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسايدىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى»، رۇسىيەنىڭ 83 رايونىدا يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر