10.09.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1488174
10.09.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «Bild.de» تورى، گېرمانىيەدە ۋاكسىنا مەسىلىسى ھەممىنى چۆچۈتكەنلىكىنى، «AstraZenece» شىركىتىنىڭ ۋاكسىنا تەجرىبىلىرىنى يېرىم يولدا ئۈزۈپ قويىشىنىڭ گېرمانيەنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغانلىقىنى، ۋەھالەنكى سەھىيە مىنىستىرى جېنس سپاخننىڭ  54 مىليون قوتا زاكاز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Spiegel.de» تورى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىڭلىغان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى راديوسى، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيەدە مورىيا مۇنازىرىسى؛ گىرېتسىيەنىڭ لېسبوس ئارىلىغا جايلاشقان ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىكى 12 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىرنى ئۆي-ماكانسىز قالدۇرغان مورىيا ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە «پاناھلانغۇچىلارنى دۆلەتكە قوبۇل قىلىش» چاقىرىقى كۈچەيدى.

«لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيەدىكى يۇقۇم مەسىلىسىدە ئىلمىي كومىتېتنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش قوڭغۇرىقىنى چالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«فرانسىيە 24» قانىلى، فىرانسىيە ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرى برۇنو لې مايېرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئېلېكتىرونلۇق باج كېلىشىمىنى خالىمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لې سوئېر» گېزىتى، بېلگىيەدە كوۋىد -19 يۇقۇم نىسبىتى ۋە دوختۇرخانىغا كىرىش نىسبىتىنىڭ يەنە كۆپەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان ئەلپائىس گېزىتى، ھۆكۈمەتنىڭ 2021 - يىلىدا مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى توڭلىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان ئەلموندۇ گېزىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، كوۋىد -19 ۋاكسىناسى نەچچە ئون مىڭ پىدائىي ئۈستىدە سىناق قىلىنغان ئۈچىنچى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى، بەزى ئورگانلارنىڭ ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «TeleSur» گېزىتى، كولۇمبىيەدە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى داۋاملاشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان ئەل شەرق گېزىتى،  سۇداندىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 103 كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە قانىلى، ئىسرائىلىيەنىڭ قانال 12 تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى موساد نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئۈچۈن بەھرەيىن بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىشتا بولماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«Al-Quds Al-Arabi» گېزىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيا مىقياسىدا 900 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بىر پەيتتە، «AstraZeneca» (ئاسترا زېنېكا) گۇرۇھى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىق قىلغان تەجرىبە خاراكتېرلىق ۋاكسىنانىڭ بىرىدە كلىنىكىلىق سىناق توختىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تاس ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «كاۋكاز -2020» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزۋېستىيا گېزىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن 2 مىليون 700 مىڭ ياۋرو ئاجرىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Lenta.ru» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەلىك ئۆكتىچى رەھبەر ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى ۋە پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر