11.08.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1470848
11.08.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «شپىيگېل.دې» تورى (Spiegel.de)، گېرمانىيەدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن سۇ تېجەشنى چاقىرىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «د پ ئا» ئاگېنتلىقى (dpa)، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ لىۋىيەدىكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن قورال ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددەستۇر گېزىتى»، لىۋان باش مىنىستىرى ھەسەن دىيابنىڭ ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى داۋىد بىسلېي (David Beasley)  نىڭ، بىر قانچە كۈن ئىچىدە لىۋانغا بىر قانچە مىڭ توننا ئاشلىق ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، 4-ئاۋغۇست (2020) يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ، شەھەردىكى تارىخىي بىنالارغىمۇ زىيان سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، خەلقئارالىق بىر دوكلاتتا، قاتار ئەمىرى شەيخ ئالسانىنىڭ، قورشاۋ ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارىماستىن دۆلىتىدىكى كىرىزىسنى ئوڭۇشلۇق يىڭىپ، بىخەتەر نۇقتىغا يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، نىگېردە فىرانسىيەلىك ياردەم خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ، بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك ناچار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن لىۋان ئۈچۈن ياردەم كونفېرانسىدا، 250 مىليون ياۋرو ياردەم توپلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لىبېرىيشىن گېزىتى» (Libération)، بېيرۇتتا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارغا ئاتقان ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ، فىرانسىيە شىركەتلىرى تەرىپىدىن سېتىلغانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىسپانىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «ئېل ئۇنىۋېرسال گېزىتى» (El Universal)، قۇياش نۇرىنىڭ ياردىمىدە دېڭىز سۈيىنىڭ ئىچىملىك سۈيىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «دلارىن گېزىتى» (Clarín)، ئارگېنتىنادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خۇسۇسىي شىركەتلەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ %12 نىڭ ئىشسىز قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلەر ئۈچۈن يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننى G7 يىغىنىغا تەكلىپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس» (TASS) ئاگېنتلىقى، بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسكتا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلاردا، بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر