06.08.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1468238
06.08.2020

گېرمانىيەنىڭ «Welt.de» خەۋەرلەر تورى،  شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە ئىشتاتى قاتناش مىنىستىرى ھېندىرىك ۋۇستنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىدا ماسكا تاقىمىغان يولۇچىلارغا (كوۋاد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلەر دائىرىسىدە) 150 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«Deutsche Welle» » خەۋەرلەر تورى،  «گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى روت تۈركىيە بىلەن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«zeit.de» خەۋەرلەر تورى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكادىكى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگىلىيەدە ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەل قۇددۇس ئەل ئەرەبى» گېزىتى، (تۇنىس پارلامېنتى باشلىقى ۋە ئەن-ناھدا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى) راشىد ئەل گەننۇشىنىڭ «تۇنىستىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى»، لىۋانغا ياردەملەرنىڭ ئقىۋاتقانلىقىنى، لىۋان ھۆكۈمىتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم تۆلەشنى قارار قىلغانلىقىنى ۋە (ئاممونىي نىتراتنى ئامبارلاشتۇرۇشقا) مەسئۇل كىشىلەرنىڭ ئادرېسىدىن ئايرىلماسلىقىنى بۇيرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەل رايە ئەل قاتارىييە» گېزىتى،  قاتارنىڭ (بېيرۇتتىكى پارتلاش سەۋەبىدىن) لىۋان بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Mundo» گېزىتى،  (ئىسپانىيە باش مىنىستىرلىق سارىيى) مونكلوئانىڭ  (سابىق ئىسپانىيە پادىشاھى) 1 -جۇئان كارلوسنىڭ ئىسپانيەدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئىتتىپاقنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Pais» گېزىتى،  دېموكراتىك مەركىزى پارتىيەسى كولۇمبىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى (ۋە پارتىيە رەھبىرى) ئالۋارو ئۇرېبنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇس تەكشۈرىشىدىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبا» گېزىتى، ئەنگلىيە، لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىب دېڭىزى  دۆلەتلرىنىڭ كوۋىد -19 كرىزىسىنى مۇزاكىرىلىشىش شۇنداقلا خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق ھەمكارلىق چاقىرىقى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Parisien» گېزىتى، «ئاممونىي نىتراتنىڭ فىرانسىيەدە ساقلىنىشى: بېيرۇتتىكى پارتلاش بىلەن ئەندىشە قوزغىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«لې موندې» گېزىتى، «بېيرۇتتا قوش پارتىلاش: (فىرانسىيە پرېزىدېنتى) ئېممانۇئېل ماكروننىڭ بۈگۈن (لىۋانغا بېرىشى) مۆلچەرلەنمەكتە. خەلقئارالىق ياردەم تەييارلىنىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لې سوئېر» گېزىتى،  بىريۇسسېل ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا (182 مىليون ياۋرو) زىيان تارتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Lenta.ru» گېزىتى، دۇنيا مىقياسىدا باشلانغان تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنا رىقابىتىدە، رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ئەمما ياۋروپانىڭ ۋاكسىنانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمىنى تالاش - تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«رىئا نوۋوستى» گېزىتى، رۇسىيە بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بېيرۇت دوختۇرخانىلىرىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، قارىماققا يادرو پارتىلاشقا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى، مىڭلىغان كىشى يارىلىنىپ، دوختۇرخانىلارنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ھىددىدىن زىيادە بېمارلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«TASS» ئاگېنتلىقى، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «دۆلەتنىڭ ساياھەت رايونلىرىدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىيىۋاتىدۇ» دېگەن مىش مىش گەپلەرنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر