05.08.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1467449
05.08.2020

گېرمانىيەنىڭ «ئا ر د.دې» (ard.de) تورى، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەگە قارىتىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى تۆت ۋىلايەت ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ز د ف.دې» (zdf.de) تورى، گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئىشتاتىدا مەكتەپلەردە مەجبۇرىي ماسكا تاقاش بەلگىلىمىسىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە مېدىتسىنا بىرلەشمىسى باشلىقىنىڭ گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئىسىرائىلىيەنىڭ بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاش بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، بېيرۇتنىڭ ئاپەت رايونى ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (TeleSur)، لىۋان پىرېزىدېنتى مىشېل ئاۋن (Mişel Avn) نىڭ بېيرۇتتىكى پارتلاشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن دۆلەتتە ماتەم ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۆسۋا گېزىتى»  (Le Soir)، بېلگىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بېيرۇتتىكى پارتلاشتا زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىلىپ گوفىن (Philippe Goffin) نىڭ لىۋانغا ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، پات يېقىندا پارىژدا سىرتتا ماسكا تاقاش بەلگىلىمىسىنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس» (TASS) ئاگېنتلىقى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ لىۋان پىرېزىدېنتى مىشېل ئاۋن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن لىۋان خەلقىگە سەۋر تىلىگەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ سەھىيە ساھەسىدە زۆرۈر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (Ria Novosti)، رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ بېلارۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya )، ھۆكۈمەتىنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سودا ئۈچۈن رۇسىيەگە كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #تاس , #TeleSur

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر