04.08.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1466770
04.08.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناسىف ھاتتىنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان «ئەل ئىمرات ئەل يائۇم گېزىتى»، ئىراندا ھەر يەتتە مىنۇتتا بىر كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى ياۋروپا قورال-ياراغ سانائىتىدە ئامېرىكاغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «زېيىت ئونلاين» (Zeit Online) تورى گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنى ئەندىشەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرە داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، مەكتەپلەر ئېچىلغان مېكلېنبۇرگ-ۋورپوممېرن (Mecklenburg-Vorpommern) ئىشتاتىغا دىققەتنىڭ مەركەزلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىيگېل.دې» تورى (Spiegel.de)،ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيەنىڭ سابىق پادىشاھى 1-خۇەن كارلوس (Juan Carlos) نىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، رۇسىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكادىكى يەتتە دۆلەتكە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى دورا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (Telesur)، 2020-يىلى ئىيۇن ئېيىدا چىلى ئىقتىسادىنىڭ %12 تۆۋەنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيە باش مىنستىرى ژان كاستېكس (JeanCastex) نىڭ كارانتىن تەدبىرلىرىنى قايتىدىن يولغا قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۇقرالارنى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشتىن باش تارتماسلىققا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«-24فرانس» قانىلى، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (Air France) ئۇچقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنىڭ 2020-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ زور مىقداردا تۆۋەنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya )، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر لۇكاشېنكو (Aleksandr Lukaşenko) نىڭ ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتە.رۇ» (Gazeta.ru) تورى، كومپىيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېلېكترونلۇق سايلامدا سايلىغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ساتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، موسكۋانىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆزئارا باج ئالماسلىق كېلىشىمىدىن چىقىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر