30.07.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1464635
30.07.2020

ئىراقتا چىقىدىغان «Newsabah» گېزىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) نىڭ: «تەخمىنەن يەتتە مىليون كىچىك بالا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە دۇچار بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «رايا» گېزىتى، قاتاردا ساتىراچخانا ۋە چېنىقىش مەركەزلىرىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

ئوماندا چىقىدىغان «ئەددەستۇر» گېزىتى،  ئىيوردانىيەلىك سىياسەتچى ۋە ئىقتىسادشۇناس جەۋاد ئەلانىنىڭ بۇ يىل ئىيوردانىيە ئىقتىسادىنىڭ %4.3 تۆۋەنلىشىگە دائىر مۆلچىرىنى خەۋەر قىلدى.

«لې فىگارو» گېزىتى،  سىياسىيونلارغا بولغان ئىشەنچ توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرونغا بولغان ئىشەنچنىڭ 6 نومۇر ئۆسكەنلىكىنى، يېڭى باش مىنىستىر ژان كاستېكىسنىڭ بولسا، %50 تىن ئارتۇق فرانسىيە خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

«Le Parisien» گېزىتى،  (ساغلاملىق كرىزىسى سەۋەبىدىن) قۇربان ھېيتنىڭ، ئىلى-فرانسىيە (پارىژنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون) دا قاتتىق تەدبىرلەر ئاستىدا تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Mundo» گېزىتى،  ئىسپانىيەدە ئىقتىسادنىڭ خەتەر سىەنالى چىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ساياھەت ساھەسىدىكى تورمۇزلىنىپ قىلىشنىڭ  5 مىليون خىزمەتچىسى بولغان كەم دېگەندە 8 ساھەگە ئېغىر  تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Pais» گېزىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئىسپانىيەدە قاتتىق تەربىرلەر يولغا قويۇلغان مەزگىلدە تېخىمۇ تېزلاشقانلىقىنى، بىردىنبىر پەرقى بىمارلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن ياش ۋە ئېغىر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «El Nacional» گېزىتى،   بىرازىلىيەنىڭ كوۋىد -19 سەۋەبىدىن يېڭى ئۆلۈم دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن تۇرۇغلۇق، ساياھەت مەقسەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنى قايتا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Suddeutsche Zeitung» خەۋەرلەر تورى، ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىن 11 مىڭ 900 ئەسكىرىنى چېكىندۇرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ئەنگلىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى سابىق باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگىلىيە تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى MI6 نىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Zeit Online» خەۋەرلەر تورى، گېرمانىيەدىكى خەتەرلىك رايونلاردىن قايتىپ كەلگەن دەم ئالغۇچىلارنىڭ كېلەر ھەپتە ئايرودورۇملاردا مەجبۇرى ۋىرۇس تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Regnum» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ سۇدا قانچىلىك ھايات قالغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىنى ۋە ئەڭ كۆپ بولغاندا  24 سائەت ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئىزۋېستىيا گېزىتى»، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيەگە ئېنېرگىيە ئۈچۈن مىلياردلارچە دوللار ئۆتىگەن گېرمانىيەنى ئامېرىكانىڭ قوغداش مەجبۇرىيىتى يوقلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

تاس ئاگېنتلىقى، بېلورۇسىيەدە ، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمى قىلىش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر