10.07.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1452707
10.07.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بېلگىيەنىڭ «لې سوئىر» گېزىتى، بېلگىيەنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ماگېزىنلار، كىنوخانىلار ۋە مۇزېيلاردا مەجبۇرىي ماسكا تاقاش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، ئەسلى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويدنىڭ، ساقچى زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ساقچىلارنى «(بۇ) مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىقىقتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ ئوت ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان نوترې دامنى چېركاۋ سۈپىتىدە رېمونت قىلىنىشىغا يېشىل چىراغ ياققانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كوۋىد – 19 نىڭ يۇقۇش يوللىرىغا ئالاقىدار پوزىتسىيەدە خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لوندوندا ئەرەبچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، غەززەدە ساقچىلارنىڭ بەدىنىدە تاياق ئىزلىرى بايقالغان بىر قىزنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئوقى تېگىپ شېھىت بولغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كوۋىد – 19 نىڭ ئەتراپى يېپىق ئورۇنلاردا ھاۋا يولى بىلەن يۇقۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئابونىتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەنىڭ «لا ۋانگۇاردىئا» گېزىتى، يۇقۇمدا يېڭى بىر دولقۇننىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلغان (ئىسپانىيەدىكى) بالېئار ئاراللىرىنىڭمۇ ماسكا تاقاش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيا» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلادا پىرېزىدېنتتىن كېيىن دىئوسدادو كابېللو (قۇرغۇچى پارلامېنت باشلىقى)نىڭمۇ كوۋىد – 19 نى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنىڭ جەزملەشكەنلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى (DW)، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دوكلاتچىسىنىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى بىن سەلماننى سوتلاش مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «زېئىت ئونلاين» تورى، سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى كوۋىد – 19 نامايىشىدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلارنىڭ توقۇنۇشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «زۈددايچە زەيتۇڭ گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ھېسابات دەپتىرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتا.رۇ» تورى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ، رۇسىيەدە بەزى كوۋىد – 19 چەكلىمىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىنمىغان تەقدىردە قايتىدىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «تاس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ساياھەت ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئىگناتيېۋنىڭ «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ساياھەتچىلىك ساھەسىنىڭ زىيىنى 1 يېرىم تىرىليون رۇبلىدىن ئېشىپ كەتتى» دېگەن سۆزلىرىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيەدە كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنى سىناق قىلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويۇلغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر