29.06.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1445279
29.06.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىيوردانىيە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى باش كاتىپى سائېب ئەرەقاتنىڭ «ئىيوردانىيەنىڭ (قوشۇۋېلىش توغرىسىدىكى) پوزىتسىيەسىنى بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كۈتۈۋاتىمىز» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

«ئەلجەزىرە» قانىلى، پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارنىڭ قوشۇۋېلىش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قارشى تۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئەمەلدارىنىڭ غەربىي قىرغاقنى قوشۇۋېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» گېزىتى، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى پارلامېنت بىناسىغا ئوت قويۇش ئۇرۇنۇشىنى خەۋەر قىلدى؛ خەۋەردە، كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ پارلامېنت بىناسىغا ئوت ئالغۇچى ماددا ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى (DW)، گېرمانىيەدىكى «ئەرزان گۆش» دەتالاشلىرىنى خەۋەر قىلدى؛ خەۋەردە، گېرمانىيەدىكى گۆش فابرىكىلىرىدا ناھايىتى كۆپ كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ بايقىلىشى، قۇشخانىلاردىكى ناچار خىزمەت شارائىتى سەۋەبىدىن گۆش باھاسىنىڭ ناھايىتى بەك تۆۋەنلەپ كەتكەنلكى توغرىسىدىكى دەتالاشلارنىڭ ئۇلغىيىپ كەتكەنلىكىنى، گۆش نېمىشقا ئەرزان، باھا نېمىگە ئاساسەن بېكىتىلىۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئاللارنىڭ سورىلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىئېگېل.دې» تورى، دۇنيا مىقياسىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ يېرىم مىليوندىن ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيەنىڭ كۆمۈر بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان 7 ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىنى تاقاپ، فوسېل يېقىلغۇسىنى قايتىدىن يەرگە كۆمۈۋېتىش خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، كوۋىد – 19 يۇقۇمىنى ئالجىرىيە دېڭىز ساھىللىرىدىن ئىسپانىيەنىڭ بالېئار ئاراللىرىغا كېلىدىغان مۇساپىرلار ئېقىنىنى قايتىدىن كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «ئېل ناسىئونال» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلانىڭ كۈچلۈك كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان رايونلىرىدا تارماق بانكىلارنىڭ مۇلازىمەت قىلمايدىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيە 2020 مەھەللىي سايلاملىرىدا چوڭ شەھەرلەردە يېشىللار ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، (ئىنىسى 2016 يىلى فىرانسىيەدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئەسلى ئافرىقالىق) فىرانسىيە پۇقراسى ئاسسا ترائورېغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مۇكاپات بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەنىڭ «لې سوئىر» گېزىتى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بېلگىيەنى كىرىم تەڭسىزلىكى توغرىسىدا ئەيىبلىگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكونىڭ، دۆلىتىنىڭ ھازىرمۇ پارچىلىنىش خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئابۇنىتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، يۇقۇمدىن كېيىنكى رۇسىيەدە دىئابىت كېسەللىكىنىڭ كۈچىيىپ كېتىدىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، دوختۇرلارنىڭ، رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى سىناق قىلىنغان كىشىلەردە ھېچقانداق سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر