02.06.2020
بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:
گېرمانىيەدە چىقىدىغان «زۈددايچە زەيتۇڭ گېزىتى» (Süddeutsche Zeitung)، ماي ئېيدا گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ تەسىرىدە، ياساش سانائىتىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېماينې زەيتۇڭ گېزىتى» (Frankfurter Allgemeine Zeitung)، ب د ت نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئاقدېڭىزدا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئۆيىنىڭ 2020-يىلى ماي ئېيىنىڭ، سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئاز ئۆلۈم كۆرۈلگەن ئاي بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى مىسىردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يەنە سەككىز دوختۇرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى ۋاقىت جەھەتتىن بوشاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«24-فرانس» قانىلى جورج فلويد (George Floyd) نىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ «جىنايەت» ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Paiís)، ئىسپانىيەدە بېمارلارنىڭ %60 نىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ قورقۇنچى سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە بولۇشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، ، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ياسالغان ۋاكسېنانىڭ كلىنكىلىق تەجرىبە سىنىقى ئۈچۈن، بەش ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 خالىسانە پېداكار ھەربىي خادىمنى تاللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» (Lenta.ru ) تورى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ 2020-يىلى 1-ئىيۇلدا ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.