20.05.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1420476
20.05.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئامېرىكاغا بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىش بىلەن تەھدىت سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، قاتار ھامېد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچىلار  ۋە خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان خىزمەتلەرنى كۈچەيتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋاشىنگتون ۋە ئىسىرائىلىيە بىلەن ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىملىرىگە تايىنىپ قالمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ھەممىنىڭ دىققىتىنىڭ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەرسوينىڭ ئۇچرىشىشىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» (Tagesschau.de) تورى، 2020-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يېڭى ئاپتوموبىل سېتىش ئىشلىرىدا %76 ئازىيىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى»  (El Paiís)، ئىسپانىيەنىڭ نورماللىشىش جەدۋېلى مۇساپىسىدە ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ياۋروپادىكى قوشنىلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيەدە بۈگۈن (2020-يىلى 20-ماي) دىن باشلاپ ئالتە ياشتىن يۇقىرى بولغان ھەممە كىشىنىڭ ماسكا تاقاش بەلگىلىمىسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (TeleSur)، ۋېنېزۇئېلانىڭ چېگرالاردا سەھىيە نۇقتىلىرى قۇرۇپ، چىلى، بىرازىلىيە، ئېكۋادور، پېرۇ ۋە كولومبىيەدىن كېلىدىغان پۇقرالىرىنى بۇ جايلاردا 14 كۈن كارانتىن قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)،ب د ت نىڭ مىليونلارچە ئافرىقالىقلارنىڭ كەمبەغەللىك تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، رېنالت (Renault) شىركىتىنىڭ فلىنس (Flins) شەھىرىدىكى فابرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت فابرىكانى تاقاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتە.رۇ» (Gazeta.ru)، رۇسىيەدە زەپەر بايرىمى يۈرۈشى بىلەن ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىنىڭ 2020-يىلى 24-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بلۇمبېرگ قانىلىدىن رۇسىيەدىكى ۋابا بېمارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىلىكنى خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» (Lenta.ru ) تورى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ بالدۇر پېنسىيەگە چىقىش شەرتلىرىنى يۇمشىتىش ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر