30.03.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1387630
30.03.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئېل كلارىن» گېزىتى، ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېز كارانتىن قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيەدە دېھقانچىلىق ساھەسىنىڭ سىگنال بېرىشكە باشلىغانلىقىنى، يۇقۇم سەۋەبىدىن مەھسۇلاتلارنى يىغىدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادتا «بىر قىش ئۇيقۇسى» مودىلىنى يولغا قويۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، فىرانسىيەدە كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، بىمارلارنى دوختۇرخانىلارغا يوللاش سۈرئىتىنى ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، ياۋروپا دېموكراتىيەسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سەھىيە كىرىزىسى سىنىقىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى يازدى.

يەنە فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغان 4632 فىرانسۇزنىڭ مەركەزلىك كۆزىتىش بۆلۈمىدە ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، دۇنيا مىقياسىدىكى ئىنسانلارنىڭ يېرىمىنىڭ ئۆزلىرىنى خىلۋەتكە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، خىتايدا يېڭىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلار سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى يازدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ۋاتان» گېزىتى، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بانكىلاردىن پۇل ئېلىش ۋە ياتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، ئۇكرائىنا سابىق پىرېزىدېنتى يۇلىيا تېموشېنكونىڭ «ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەھىمىسىدىن پايدىلىنىپ، غايەت زور بولاڭ – تالاڭغا شارائىت ھازىرلاۋاتقانلىقىنى، يەر پاي چېكى بازى قانۇنىنىڭ چىقىش ئېھتىماللىقى بارلىقى»نى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» ئاگېنتلىقى، موسكۋادىن كېيىن مۇرمانىسكى رايونىدىمۇ خەلقنىڭ ئۆيدىن چىقماسلىققا چاقىرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ ئىتالىيەدىن رۇسلار قىلغان ياردەمگە ئىشىنىپ بىخۇتلىشىپ كېتىپ، ئىشلارنىڭ تىزگىنىنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئامېرىكادا كەم دېگەندە يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىئېگېل.دې» تورى، نېفىت باھاسىنىڭ 2002 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «ستېرن.دې» گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە، نيۇ يورك ۋالىيسىنىڭ، ئامېرىكادا مىڭلارچە كىشىنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن قازا قىلىش خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر