25.03.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1384733
25.03.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئۇممان ۋە سۇداندا <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملىنىش، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى ئۆلۈم ئەھۋالى كۆررۈلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»،  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن دۇنيا بويىچە 2.6 مىلياردتىن ئارتۇق ئىنساننىڭ «ئۆيدىن سىرتقا چىقماڭ» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقىنى يازدى.

«‹ AL Jazeera› تېلېۋىزىيە قانىلى»، «ۋىرۇسلار بىر – بىرلەپ كەلمەيۋاتىدۇ. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> دىن كېيىن خىتايدا <خەنتاۋىرۇس> ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ۋىرۇس چاشقانلاردىن يۇقىدىكەن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ Izvestiya› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «موسكۋادا <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولمىغان تەقدىردە ئۆيدە داۋالىنىشىغا يول قويۇلدى.»

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، موسكۋادا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان 5 كىشىنىڭ ساقايغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى» ئىسپانىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 2937 گە، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ بولسا 41 مىڭ 900 غا يەتكەنلىكىنى يازدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ El Clarin › گېزىتى»، ئارگېنتىنادا يەنە 86 كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 338 گە يەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

كولومبىيەدە چىقىدىغان «‹ El Tiempo› گېزىتى»، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى جاير مېسساس بولسونارونىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئاددىي بىر زۇكام ئىكەنلىكىنى ئېيىتىپ، «ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق تەدبىرى» نى تەنقىد قىلغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹ France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، «خىتاي خۇبېي ئۆلكىسىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، ئىسپانىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن كونترول قىلغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» (Le Monde)،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئۆي كارانتىناسى باشلانغاندىن بۇيان پارىژنىڭ ئىللېدې فرانسې رايونىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى ۋە كاربون تۆت ئوكسىد چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر