24.03.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1383911
24.03.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Covid-19 ) غا قارشى يولغا قويۇلغان كارانتىندا ئىككىنچى ھەپتىگە قەدەم قويغانلىقىنى ۋە كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Covid-19) نىڭ ئىسپانىيەدە ئىتالىيەدىكىدىن تېز ۋە كەڭ دائىرىدە تارقىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، كۇبانىڭ چېگراسىنى ساياھەتچىلەرگە تاقىغانلىقىنى، چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن پۇقرالىرىنى بولسا كارانتىن قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «كلېيرىن گېزىتى» (Clarin)، ئارگېنتىنادىكى كارانتىن بەلگىلىمىرىگە بويسۇنمىغان ئىككى فىرانسىيەلىك بىلەن بىر گوللاندىيەلىكنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «لې تېمپس گېزىتى» (Le Temps)، ئەنگلىيەدە ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىدىغان «ئۆيدىن چىقماسلىق» بەلگىلىمىسىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «دېر شپىيگېل گېزىتى» (Der Spiegel)، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېكسپورتىنى توختىتىش قارارىنىڭ ۋاقتىنى يەنە توققۇز ئاي ئۇزارتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «داي ۋېلت گېزىتى» (Die Welt)، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىغا يۈز مىلياردلارچە ياۋرو زىيان سالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (izvestiya)، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنى رۇسىيەدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش كۈرەش توغرىسىدا يالغان سۆزلىمەسلىككە دەۋەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتە.رۇ» تورى (Gazeta.ru)، رۇسىيەنىڭ 14- ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ئىتالىيەگە يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە قانىلى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەسسانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۇنجى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەسى بايقالغاندىن كېيىن، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ، سۈرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى خەتىرىنى  كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر