23.03.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1383413
23.03.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىيە» گېزىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) يۈزىسىدىن دۆلەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ %80 ىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۆيىدە ئورۇندايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بەھرەيىندە چىقىدىغان «ئەلئەييام» گېزىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۈزىسدىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا 21 كۈن بويىچە سائەت 19:00 بىلەن 06:00 ئارىسىدا كوچىغا چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكادا بىر كۈندە 100 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، ۋىرۇسنىڭ پالاتاغا كىرگەنلىكىنى؛ بىر پالاتا ئەزاسىدا يۇقۇم بايقالغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «ARD.de» گېزىتى تورى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۈزىسىدىن كارانتىنغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى (DW)، گېرمانىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش چارە – تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىر يەرگە توپلىشىنى مەنئى قىلغانلىقىنى يازدى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «ZDF.de» گېزىتى تورى، ۋۇخەن ۋىرۇسى كارانتىناسىنىڭ ھاۋانىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ۋىرۇس كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر مارشال پىلانى تەييارلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «لا ۋانگۇاردىيا» گېزىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىسپانىيەدە بىر كۈندە 394 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى، ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 1720 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 28572 گە يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئېنفوبائې» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى پىرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدونىڭ، پىرېزىدېنت مادۇرونى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقىي ئەھۋاللارنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ «بىر پاجىئەنىڭ كىرۋىكىدە» ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئىككى دوختۇرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆيدىن چىقماسلىق چاقىرىقلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

يەنە فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، 112 نەپىرى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە بولۇپ جەمئىي 674 ئادەم قازا قىلغان فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ سۈرئەت بىلەن تارقىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، رۇسىيەدە 71 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» ئاگېنتلىقى، خىتايدىن رۇسىيەگە 25 يېرىم مىليون قوغدىغۇچى ماسكا كەلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتارۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەدە بەزى بانكا قەرزلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر