20.03.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1381877
20.03.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19)  سەۋەبىدىن 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، يىغىننىڭ سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىن شەكىلدە ئېچىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى (DW)، تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «Ard.de» تورى، ھەر ئىككى گېرمانىيەلىكنىڭ بىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەندىشىسى بارلىقىنى يازدى.

مەركىزى قاتارغا جايلاشقان «ئەلجەزىرە.نېت» تورى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تۇرغۇنلۇققا باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئىتالىيەدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ خىتايدىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لوندوندا ئەرەبچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەھىمىسى سەۋەبىدىن كەبىگە بېرىپ ناماز ئۆتەشنى چەكلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئەلۋەتان» گېزىتى، سۇداننىڭ 21 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى يازدى.

ئىپسانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىپسانىيەلىكلەرنىڭ يېرىمىنىڭ كىرىزىس يۈزىسىدىن خىزمەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، يېڭىدىن مىڭلارچە كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشىدىن كېيىن، ئىسپانىيەنىڭ سىرتقا چىقماسلىقنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبائې» گېزىتى، ئارگېنتىنانىڭ 31 – مارتقىچە دۆلەت مىقياسىدا مەجبۇرى كارانتىن تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ، نۇرغۇن فىرانسۇزلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا سەل قارىغانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، پارىژنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان جايغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېلگىيەنىڭ «لې سوئىر» گېزىتى، ۋىرۇس مۇتەخەسسىسى مارك ۋان راستنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ 10 ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسېنىسىنى سىناق قىلىشنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئابونتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» ئاگېنىتلىقى، ۋال سترىت ژۇرنالنىڭ، ئامېرىكfنىڭ نېفىت باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دۇنيانىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق يۇقۇملارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر