14.02.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

14.02.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق ۋە كېلەچەكتىمۇ ھەرقانداق بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش پىلانىمىز يوق» دەپ بايانات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، ئىراقنىڭ يەكشەنبە كۈنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ئەلۋاتان» گېزىتى، ئىراقنىڭ قالدۇق تېررورچىلارنى يوقىتىش مەقسىتىدە چېگرا بويىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، (فىرانسىيەدىكى) دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلاشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان  «لې پارىسىئېن» گېزىتى، يەرشارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئىسسىشىنىڭ، نۆلدىن تۆۋەن 20 گىرادۇسنىڭ ئۈستىدىكى ئىسسىقلىقى بىلەن ئانتارىكتىكادا يېڭى بىر ئىسسىقلىق رېكورتى ياراتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ (ئالجىرىيەنىڭ جەنۇبىغا تاشلىغان) ئاتوم بومبىسى مەسىلىسى (ئالجىرىيەلىك بىر مىنىستىرنىڭ قارىشىچە) ھازىرمۇ فىرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە ئارىسىدىكى ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيە ئاۋازى (DW) رادىيوسى، مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ بۈگۈن باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Die Welt» گېزىتى، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سخوفېرنىڭ يېڭى بىر مۇساپىرلار كىرىزىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «Süddeutsche Zeitung» گېزىتى، خىتايدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا رېكورت دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائېس» گېزىتى، (ئىسپانىيە) ھۆكۈمەت بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ، بارسېلونادا ئېچىلىشى پىلانلىنىۋاتقان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ يانفون يەرمەنكىسى – كۆچمە خەۋەرلىشىش دۇنيا قۇرۇلتىيى -2020 نىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەندىشىسى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش قارارىغا قارىماي ئەنگلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، كولومبىيە ئىشسىزلىك ئورگىنىنىڭ، دۆلەت مىنىستىرى ئىۋان دۇكنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، خەلقنى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى ئېمبارگولىرىغا «يېڭى رۇسىيە ۋەھىمىسى» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» خەۋەر ئاگېنتلىقى، پېنتاگوننىڭ، رۇسىيەنىڭ يېڭى قورالىنى ئۆزىنىڭ يادرو كۈچىگە نىسبەتەن تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، ئۇكرائىنانىڭ خىتايدىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر