12.02.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1358197
12.02.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «ئەسكەرلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىتىمىز» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتى ھەققىدە توختالغانلىقىنى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەنىڭ بۇ سىياسىتىنى قلوللاۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، فىرانسىيەدە پارلامېنت كومىتېتىنىڭ پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى تاماملىيالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ پارلامېنت تارىخىدىكى تۇنجى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى يازدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Soir › گېزىتى»، ۋېيتنام بىلەن «ئەركىن سودا كېلىشىمى» تۈزۈش مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Handelsblatt.com › خەۋەرلەر تورى»، كىرودىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئىش تاپالمىغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىۋاتقانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo)، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى 6 – فېلىپېنى 21 – ئاپرېل كۈنى ئاقسارايدا كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، خۇەن گۇايدونىڭ سىياسىي سۈركىلىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ۋېنېزۇئېلاغا قايتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، بېلارۇسىيەدىن كەلتۈرۈلگەن ئەتكەس تاماكىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ GAZETEM.RU  › خەۋەرلەر تورى »، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر خەرىتىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت بىخەتەرلىك  ئورگىنى (FSB) نىڭ، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى ئورۇنلىرىغا مۇراجىئەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر