23.01.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1345960
23.01.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، ئىراندا 5.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»،  ئىراقتا باش مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى ۋە نامايىشلارنىڭ تېخىمۇ زورىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلئايام گېزىتى»، مالىيە مىنىستىرىنىڭ كىرىزىس داۋاملاشقان ئەھۋالدا ۋەيرانچىلىقنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ» (Tagesschau) تورى، تۈركىيە پاناھلانغۇچىلار كېلىشىمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بۇزۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ گېرمانىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلىپ، تۈركىيە پاناھلانغۇچىلار كېلىشىمىگە سادىق بولغان ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەدە قىلغان پۇلنى تۆلىمىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد» (Bild) تورى، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خورست زېھوفا (Horst Seehofer) « 18-كومبات» گۇرۇپپىسىنى چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لاياقەتلىك خىزمەتچىلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «يېڭى ماسلىشىش ھەرىكەت پىلانى»  تەييارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيا گېزىتى» (Infobae)، مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇملۇق ۋىرۇس توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغانلىقىنى، بىراق تەييار تۇرۇش كېرەك بولسىمۇ، كېسەللىك توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆكتىچى رەھبىرى خۇەن گۇايدونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خۇەن گۇايدو بايانات ئېلان قىلىپ: «ۋېنېزۇئېلالىقلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تىراگېدىيەلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپاغا كەلدىم» دېگەن.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيەدە ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ 950 ياۋرو بولۇپ بەلگىلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى»، فىرانسىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مۇقەددەس جايلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «لې تېمپس گېزىتى»، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ نىشانىدا ياۋروپانىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر