21.01.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1344779
21.01.2020

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ لىۋىيەگە مەسلىھەتچى ۋە تەلىم-تەربىيە بەرگۈچىلەرنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، گېرمانىيەنىڭ لىۋىيە بىلەن فېۋرال (2020) دا يەنە بىر قېتىم كونفېرانىس ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بەھرەيندە چىقىدىغان «ئەلئايام گېزىتى» (Al-Ayam)، باغدادتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىغا ئۈچ دانە كاتۇشا ئوقىنىڭ چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپېيگېل» تورى (Spiegel.de)، گېرمانىيەدە تۇنجى يېڭى قۇش زۇكىمنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Orf.de» تورى تۈركىيەنىڭ سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Rtl.de» تورى، دېھقانلار ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دېگېندورف (Deggendorf) تا مېركېلغا قارشى نامايىش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، گلورىيا بورىنىنىڭ، بولۇپمۇ ۋولېنسىيە (Valencia ) ۋىلايىتىنى ۋە بالېيىر (Balear) ئاراللىرىغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى؛ بوراندا تەخمىنەن تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، چوڭ يوللار ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيا گېزىتى» (Infobae)، ياۋروپا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جوسېپ بوررېل (Josep Borrel) نىڭ چارشەنبە (22-يانۋار) كۈنى بىريۇسسېلدا ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆكتىچى رەھبىرى خۇەن گۇايدونى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئېۋو مورالېس (Evo Morales) نىڭ بولىۋىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن ماس  (MAS) (سوتسىيالىزم ھەرىكىتى) پارتىيەسىگە ئۆزىنىڭ نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، رۇسىيەنىڭ تومسك (Tomsk) رايونىدا چىققان ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغان 10 كىشىنىڭ ئۆزبېكستانلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دەۋاسىدا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ «دەرھال گۇناھسىز» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، ئىلياس فاھفاھنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» (Lenta.ru) تورى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىنى دۇمانىڭ تەستىقىغا سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر