16.01.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1341834
16.01.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىسلاھات چاقىرىقلىرىدىن كېيىن يېڭى باش مىنىستىرىنى بەلگىلەپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بەھرەيندە چىقىدىغان «‹ئەلئەييام› گېزىتى»،  كانادا قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ، «كانادالىق مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت ئىراندا چۈشۈپ كەتكەن ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانى قازاسىنى تەكشۈرىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئىدلىبتە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 9 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Gazetemru  › خەۋەرلەر تورى »،  رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىسلاھات تەلىپىنىڭ ھۆكۈمەتتە باش مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش پىلانى بارلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «چېچېنىيە رايونىنىىڭ رەئىسى قارىروۋنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باياناتچىسى قادىروۋنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەنىڭ «‹ France 24 › تېلېۋىزىيە قانىلى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش مەسىلىسىدە پالاتانىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى»، فىرانسىيەدە پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتىغا قارشى يېڭى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق ئۇسلۇبتا باياناتلارنى بېرىۋاتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «< Libération> گېزىتى»، فىرانسىيەدە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى سېتىش ئىشلىرىنىڭ 2018 – يىلى تېز سۈرئەتتە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ «‹ Telesur› تېلېۋىزىيە قانىلى»، چىلى پىرېزىدېنتى پىنېرانىڭ مائاش تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى  خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، ئىراننىڭ ياۋروپاغا، «ئەسكەرلىرىڭلار خەۋپ ئاستىدا بولۇشى مۇمكىن» دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

 گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ Süddeutsche Zeitung › گېزىتى»، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ Frankfurter Allgemeine Zeitung› گېزىتى»، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كرامپ – كاررېنبائۇېرنىڭ ئىيوردانىيەدىكى گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر