14.01.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1340475
14.01.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «‹Tagesschau.de › خەۋەرلەر تورى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 19 – يانۋار كۈنى گېرمانىيەگە بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، «قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان«‹ Spiegel.de› ژۇرنىلى»، گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يازدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، تېھراننىڭ ئەنگلىيەنى ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئارىدىن يۈز كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىراقتا نامايىشلارنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

بەھرەيندە چىقىدىغان «<ئەلئەييام> گېزىتى»، بىرقانچە ئاي ئىچىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «< RBK> تېلېۋىزىيە قانىلى»، خەلىفە ھەفتەرنىڭ كېلىشىمنى ئىمزالىماستىن موسكۋادىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، ئېستونىيە پىرېزىدېنتىنىڭ، بورىس يېلتسىن دەۋرىدە دۆلىتىنىڭ رۇسىيەدىن ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە «ئېدىنايا روسسىيە» نىڭ ئۆي خانىملىرىدىن باج ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەكلىىپىنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيە پىرېزىدېنتى پېدرو سانچېزنىڭ، 4 مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋە 18 مىنىستىردىن تەشكىل تاپقان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ  ھۆكۈمەتنى قۇرغانلىقىنى يازدى.

چىلىدا چىقىدىغان «‹ La Tercera› گېزىتى»،  ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان ئۆكتىچى رەھبەر لۇئىس پارراغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى»، «فىرانسىيەنىڭ ساھېل رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان» باركھانە كۈچىنىڭ ماكرون ساھېل رايونىغا 220 زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەدە پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتى دائىرىسىدە 2021 – يىلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۈچۈن 500 مىليون ياۋرولۇق خامچوت ئاجرىتىلغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، 9 – يانۋار كۈنى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىشى مەسىلىسى توغرۇلۇق قايتىدىن ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر