18.12.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1325399
18.12.2019

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ تابىز (Cádiz) ھەربىي بازىسىغا ئىككى دانە قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە 600 دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «لاخورنارا گېزىتى» (La Jornada)، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مېكسىكادىن «ئايوتزىناپا دېلوسى» ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مېكسىكاغا قايتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «ۋ ت ۋ» تېلېۋىزىيەسى (VTV)، ۋېنېزۇئېلانىڭ لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ئۈستىدىن ۋاتىكانغا ئەرز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «داچلەنفۇنك تېلېۋىزىيەسى» (Deutschlandfunk)، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ۋېلت.دې» تورى (Welt.de)،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دوكلاتىدا، بۇ يىل (2019) تۈركىيەدىن ياۋروپاغا 70 مىڭ مۇساپىرنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيېن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ئالجىرىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتىنى «چىن كۆڭلىدىن» تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەدە پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىشلارنى روژدېستۋا بايرىمىدا ۋاقىتلىق توختىتىش تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراجقا ياردەم قىلىش پىلانىنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى، ب د ت لىۋىيەدە بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى؛ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئالجىرىيەدە يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنتقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ تاس ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئارمىيە قوماندانلىق .ئىشتابى باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋ (ValeryGerasimov) نىڭ ناتونىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر  قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «رىيا نوۋوستى گېزىتى» (Ria Novosti)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ، ياۋروپانىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە تەڭ باراۋەر بولۇش ئۈچۈن تەييار ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، ئامېرىكانىڭ «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر