09.12.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1319975
09.12.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، پارس قولتۇقى ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا چاقىرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، ئىراقتا 2626 نامايىشچىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى... باغداد ھەربىي ھەرىكەتلەر قومانىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ئەلۋەتان» گېزىتى، سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىران تەرەپدارى 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» گېزىتى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ بۈگۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىئېگېل.دې» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىن چەكلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، دۇنيا قوزغاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن رۇسىيەگە ئالاقىدار «دېلو»دا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيە ئاۋازى (DW) رادىيوسى، دۇنيادىكى قورال ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى خەلقئارا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 100 قورال ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ 2018 – يىلى سەرمايىسىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتادا چىقىدىغان «ئىنفوبائې» گېزىتى، (بۈگۈننىڭ) كولومبىيەدە ئىۋان دۇك ھۆكۈمىتىگە قارشى يېڭىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈش كۈنى ئىكەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «لاۋانگۇاردىئا» گېزىتى، كاتالونىيەدىكى جۇمھۇرىيەتچى سولچىلار، رودژېستۇا بايرىمىدىن بۇرۇن ئىسپانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنىڭ «ناھايىتى قىيىن» دەپ قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

چىلىنىڭ «RPP»  گېزىتى، چىلى ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمغا قارشى نامايىشلاردىن كېيىن ساقچى ئىسلاھاتىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتە.رۇ» خەۋەرلەر تورى، موسكۋانىڭ «نورماندىيە تۆت تەرىپى» باشلىقلار يىغىنىدا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «RBK» گېزىتى، رۇسىيە ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىش كېرەك دەپ قارايدىغان پۇقرالار سانىنىڭ بىر يېرىم ھەسسە ئاشقانلىقىنى، رۇسلارنىڭ %68 ىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، ستولتېنبېرگ رۇسىيەگە ناتونىڭ دۈشمىنى دەپ باھا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ فرانس-24 خەۋەرلەر قانىلى، فىرانسىيەدىكى پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىغا قارشى ئىش تاشلاش ۋە نامايىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ قورال ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئىكەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر