چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 05.12.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1318236
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 05.12.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «‹ Zeit.de › خەۋەرلەر تورى»،  گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدىن كۆچۈپ كېتىۋاتقانلاردىن كۆپىنچىسىنىڭ ئاكادېمىكلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، كولومبىيەدە ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق ئىش تاشلاش نامايىشىغا ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ ABC› گېزىتى»، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ «‹ Telesur› تېلېۋىزىيە قانىلى»، ئارگېنتىنادىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بولىۋىيەگە كەتكەن ھەيئەتنىڭ، دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى» مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىدىن 23 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۇدان بىلەن ئۆزئارا باش ئەلچى تەيىنلەشنى قارارلاشتۇردى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «بىزنىڭ سۈرىيەنىڭ تېېروتېرىيەسىنى بېسىۋېلىش نىيىتىمىز يوق، ئاچ كۆزلەر سۈرىيەدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «‹ France 24 › تېلېۋىزىيە قانىلى»، 5 – دېكابىردىكى ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ، پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىغا قارشى  سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى»، ۋىرى – چاتىللون شەھىرىدە ساقچىلارغا ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسى بىلەن چېتىلىشلىقى بار جاۋابكارلار ئۈچۈن 10 يىللىقتىن 20 يىلللىققىچە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، رۇسىيە گېرمانىيەنىڭ ئىككى رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ INTERFAKS › ئاگېنتلىقى » مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇلغارىيەنىڭ «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى قەستەن ئاستىلاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ GAZETEM.RU  › خەۋەرلەر تورى »، پېسكوۋنىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خامچوت مىقدارىنى ئاشۇرۇشى بىزنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر