03.12.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1316620
03.12.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، سۈرىيەدە مىنا پارتلاش نەتىجىسىدە 3 رۇس ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

 سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، ئىراندا يېقىندىن بۇيان دۆلەتنىڭ 40 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق نامايىشلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، ئىسپانىيە پادىشاھى 6 – فېلىپېنىڭ «ھېچقانداق بىر چەكلىمە يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى قالقان بولالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo)، سانچېز ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئاي ئىچىدە 35 مىليارد ياۋرولۇق مەبلەغ تېپىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ Clarín› گېزىتى»، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى جاير بولسونارونىڭ، ئاليۇمىن ۋە پولات مەھسۇلاتلىرى بېجى توغرۇلۇق توختالغاندا قىلغان «ترامپنىڭ بىزنى چۈشىنىشى ۋە جازالاندۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «<لې تېمپس> گېزىتى» (Le Temps)، ۋاشىنگتوننىڭ فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى» مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 5 – دېكابىر كۈنى بىر تەرەپتىن پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىش، يەنە بىر تەرەپتىن،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ھەپتە ئېلىسې سارىيى (فىرانسىيە پىرېزىدېنت سارىيى) غا نىسبەتەن خىرىسلار يۈكسەك سەۋيەدە بولغان بىر ھەپتە ھېسابلىنىدۇ.

گېرمانىيەنىڭ «‹ DW › خەۋەرلەر تورى»، ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرىدىغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Spiegel Online › خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «كىلىمات ئۆزگىرىشىدە بارسا كەلمەس يولدا كېتىۋاتىمىز.»

«‹ Focus Online › خەۋەرلەر تورى» مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

 كۆچمەنلەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەش مەسىلىسى تەكرارلىنىۋاتىدۇ. گېرمانىيەدە ئۈچىنچى قېتىم سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى 4 مىڭ 916 غا يېتىدۇ. كەم دېگەندە بەشىنچى قېتىم سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى بولسا 294 كە يېتىدۇ.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىسا زادى بولمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ « Su-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپى ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇس يۇمتاللىرى قاچىلانمىغان ئەقىللىق تېلېفون ۋە كومپىيۇتېرلارنى سېتىش مەنئىي قىلىنىدىغان قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر