02.12.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

02.12.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە 2600 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى يازدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، ئىراقلىق نامايىشچىلارنىڭ ئىراننىڭ نەجەفتىكى كونسۇلخانىسىغا ئىككىنچى قېتىم ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

كۇۋەيتتە چىقىدىغان «ئەلۋاتان» گېزىتى، شاھزادە ۋىليامنىڭ كۇۋەيتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» گېزىتى، گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىنتىزامغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى يازدى؛ گېرمانىيەدە 1000 غا يېقىن ئەسكەر ھاراق ئېچكەنلىك ۋە خىزمەت ئورنىغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتىزام جازاسىغا ئۇچرىغان.

گېرمانىيە ئاۋازى (DW) رادىيوسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يېڭى باشلىقىنىڭ خىزمەتكە چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى؛ گېرمانىيەلىك سىياسەتچى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن باشچىلىقىدىكى يېڭى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتەشنى رەسمىي باشلىغان.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «شپىئېگېل.دې» تورى، لوندون چوڭلۇقىدىكى بىر مۇز پارچىسىنىڭ جەنۇبىي مۇز دېڭىزىدىن يېقىندا ئايرىلىپ دېڭىزغا قوشۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ لىۋىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتىگە پاراخوت بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو» گېزىتى، مېدىئاپارتنىڭ لىۋىيە مالىيە مەنبەسى (گە ئالاقىدار دېلو) توغرىسىدىكى بايانىدا، (فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى) ساركوزينىڭ بىر يېقىنىنىڭ 2006 – يىلى 440 مىڭ ياۋرو قوبۇل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان  «لې پارىسىئېن» گېزىتى، (فىرانسىيە پىرېزىدېنتى) ماكروننىڭ، مالىدا ئۆلتۈرۈلگەن قەھرىمان ئەسكەرلەرنى خاتىرىلىگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ دۆلەتنى بىرلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ  RBK گېزىتى، ئۇكرائىنا ئىچكى كابىنېتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىككى رايونىنى ئۆز دۆلىتىگە قوشۇۋېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رېگنۇم خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «شىمالىي ئېقىم-2» قۇرۇلۇشى تۈپەيلى رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەنىڭ زابايكاليې رايونىدا بىر ئاپتوبۇسنىڭ دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ، 19 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائېس» گېزىتى، (مادرىدتىكى) كىلىمات يىغىنىنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ زەھەرلىك گاز چىقىرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

مېكسىكانىڭ «ئېل ئۇنىۋېرسال» گېزىتى، بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا 21 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدىن كېيىن، مېكسىكادىكى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى سەۋەب بولۇۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ بارغانچە قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرگەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە ئىقتىسادتىكى تۇرغۇنلۇقنىڭ (باش مىنىستىر) لوپېز ئوبرادورنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ بىرىنچى يىل ئايلىنىشىغا كۆلەڭگە چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر