چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 17.10.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1289824
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 17.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، يۈزلەرچە سۈرىيەلىك كوردنىڭ ئىراققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى يازدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى قوراللىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەر رايوننى تەرك ئېتىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

لىۋاندا چىقىدىغان «‹ئەلمۇستەقبەل› گېزىتى»،  «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1000 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Welt.de › خەۋەرلەر تورى»،  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەنىڭ بۇ يىل ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا فىرانسىيەنىڭ ئارقىسىدا قالىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Tagesschau.de › خەۋەرلەر تورى»، «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي خىتاينىڭ Huawei شىركىتىگە 5G ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى ستېينمىيېرنىڭ ھاللېدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كاۋاپ دۇكىنىنىڭ خوجايىغا تېلېفون قىلىپ، ھال سورىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى بىرىنچى كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يۆتكىلىش مەزمۇن قىلىنغان قانۇن لايىھەسى تەييارلىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «رۇسىيە ئامېرىكا ھۆكۈمەت زايوملىرىغا سالغان مەبلىغىنى 800 مىليون دوللارغىچە ئاشۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹ France 24 › تېلېۋىزىيە قانىلى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قارىشىچە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ دائېشتىنمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزۈش ئېھتىماللىقى توغرۇلۇق ئۈمىد چىرىغىنىڭ يانغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، «مۇستەقىللىقنى خالايدىغان رەھبەرلەرنىڭ جازالاندۇرۇلۇشىدىن كېيىن كاتالونىيەدە «ئەركىنلىك نامايىشى» ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، «كاتالونىيەدە يېڭى زوراۋانلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بېرىلدى، يەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo)، «مۇرسىئادا جەنننەتىن مازارلىققا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك قارا يامغۇر، ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەن مۇھىت بۇلغىنىشى، يېزا ئىگىلىك دورىلىرى ۋە شەھەرلىرىش پائالىيەتلىرى تونلارچە ئۆلۈك بېلىقلار ۋە دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ ساھىللارغا چىقىپ قېلىىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر