16.10.2019
بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ «دۇنيانىڭ قوللىشى بولسۇن ياكى بولمىسۇن» ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
قاتارنىڭ «Aljazeera.net» تورى، ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى؛ خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ مۇنبىچتىن چېكىنگەنلىكىنى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كاتالونىيەدىكى ئىسيانلار داۋام قىلغان ئەھۋالدا كونتروللۇقنى قولىغا ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
پېرۇدا چىقىدىغان «لا رېپابلىكا گېزىتى» (La República)، مېكسىكادا پۇقرالار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشنىڭ 15 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ۋېنېزۇئېلا، ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە ۋە مېكسىكا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىنىڭ تەخمىن قىلىنغان ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «S-400» لەرنىڭ زاپچاسلىرىنى توشۇشنىڭ نويابىر ۋە دېكابىر ئايلىرىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئامېرىكا رۇسىيەلىك دىپلوماتلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيەنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەدە چىقىدىغان «Russia Today» گېزىتى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتىدە، 1.4 مىليار دوللارلىق يېڭى كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
شىۋېيسارىيەدە چىقىدىغان «تاگېسانسايگېر گېزىتى» (Tagesanzeiger)، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى» نى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە بېسىم قىلىشتا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى خەۋەر قىلدى.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، پارىژدا پاژارنى خادىملىرىنىڭ نامايىش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «لې تېمپس گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ شىۋېيتسارىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىلھان سايگىلىنىڭ: «سۈرىيەدىكى كۈرىشىمىز تېررورىستلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.