17.07.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1237001
17.07.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات گېزىتى»، نىگېرىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 10 تۈركىيەلىك دېڭىزچىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى» (Alsharq Alawsat)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى «ئىران بىلەن چوڭ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى. ئىراننىڭ يەمەندىكى ۋەقەلەرنىڭ سىرتىدا تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەلرىياد گېزىتى»، پورتوگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىرانلىقلارغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، قىبرىس گازىغا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا چىققان زىددىيەتلەرنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا فوندېر لايېن (Ursula von der Leyen) نىڭ 14 كۈن ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كولومبىيەدە چىقىدىغان «ئېل خېرالدو گېزىتى» (El Heraldo)، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ كولومبىيەنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى زەھەرلىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، فەيسبۇك (Facebook) نىڭ پۇل بىرلىكى لىبرا (Libra) ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېشپىگېل دې» تورى (Tagesspiegel.de)، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنى ئېمبارگولار بىلەن شەرقىي ئاقدېڭىزدا توختىتالايمىز دەپ ئويلىسا، خاتالاشقان بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ياۋروپا ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى توختىتىشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيېن گېزىتى» (Le Parisien)، ئەسلى ئىرانلىق فىرانسىيە پۇقراسى بولغان تەتقىقاتچى فارىبا ئابدېلكاھنىڭ ئىراندا تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ۋېستى گېزىتى» (Vesti’)، «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ دېڭىزدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، «S-400» پارچىلىرى بېسىلغان 13-ئايروپىلاننىڭ تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا رۇ» (Lenta.ru)  تورى، ناتونىڭ خاتا ھالدا ئامېرىكا يادرو قورال نۇقتىلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر