چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 04.07.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1230071
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 04.07.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ ALHAYAT› گېزىتى»، «ئىران قايسى سەۋىيەدە بولسا بولسۇن ئۇران قۇيۇلدۇرۇش بىلەن تەھدىت سالماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، Whatsapp، Facebook  ۋە Instagram  نىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى يازدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ <F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بەرمەسلىكىنى <ئوغرىلىق قىلىش> دەپ ئاتىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «<لې تېمپس> گېزىتى» (Le Temps)، دۇنيا مىقياسىدىكى كاشىلىدىن كېيىن،  Facebook  گۇرۇپپىسىنىڭ نورمال مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى»، «فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى – كانادا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىنى ماقۇللىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹Vesti› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىتالىيەدە چىقىدىغان < Corriere della Sera > گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىتالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.»

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»،  رۇسىيەنىڭ چەت ئەللەردىن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشقا باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، ئىركۇتسك رايونىدا سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر