چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 27.06.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1226183
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 27.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ ALQUDS ALARABI› گېزىتى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:  «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتاسى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئۈچۈن جۈمە كۈنى سايلام ئۆتكۈزىدۇ.»

«‹ ALQUDS ALARABI› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلار ئالاھىدە تەكىتلەندى: «ماناما خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، كۇچنېر پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتسزى دەپ قارىدى ھەمدە ئىشىكنىڭ ھازىرمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.»

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ <س – 400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى  سەۋەبىدىن تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىدى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

«‹ Tagesschau.de› خەۋەرلەر تورى»،  «ئېمبارگو ۋە ئۇرۇشقا قارىماي، گېرمانىيە شىركەتلىرى قورال - ياراغ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى سۈرىيەگە ساتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«‹ Frankfurter Allgemeine Zeitun› گېزىتى»، «پىلانلىق تېررورىزم» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «< Revolution Chemnitz > ئەزالىرى سوت مەھكىمىسىدە رادىكال ئوڭچىللار پىلانلىغان ھۇجۇملارنى سولچىلارغا دۆڭگەپ قويۇش ئارقىلىق ئىچكى ئۇرۇش قوزغىماقچى بولدى.»

گېرمانىيەنىڭ «‹ Welt› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رېن ۋېاستفاليا ئۆلكىسىدە ھارا رايىنىڭ قاتتىق ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن پويىزلارنىڭ مۇلەزىمەت قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى»، ئىراننىڭ ئۇرۇش پارتلىغان تەقدىردە، ترامپنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىنى ئەۋەتىشكە ئېھتىياجى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سېرىق جىلىتكىلىكلەرگە 217 مىليون ياۋرو تۆلەم تۆلىگەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ ABC› گېزىتى»،  «ئەتە ھاۋا رايى تېخىمۇ ئىسسىپ كېتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

فىرانسىيەدە ھاۋا رايىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن، ئىسپانىيەدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن رايونلارنىڭ سانى 32 گە يەتتى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ «‹ Telesur› تېلېۋىزىيە قانىلى»،  ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن كېلىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىنىڭ پۇقرالار – ھەربىيلەر ۋېنېزۇئېلا بىرلىكى ئالدىدا نىشانىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە ئوساكادا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ پايتەختىنى كىيېۋدىن باشقا بىر شەھەرگە يۆتكەش تەكلىپى كەلگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، رۇسىيەنىڭ بۇرياتىيە رايونىدا « An-24 yolcu » تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر