14.06.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1218319
14.06.2019

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان « ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى» گېزىتى، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ ئۇممان قولتۇقىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەل ھايات»گېزىتى، قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ پارس قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئېغىر خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

مەركۇر.دې (  Merkur.de) تور بېتى مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ترامپ گېرمانىيەنى ئېغىر ئۇسلۇبلار بىلەن تەنقىد قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە،  ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.»

فوكۇس گېزىتى، گېرمانىيەدىن قانۇنغا زىت ھالدا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئۇسامە بىن لادېننىڭ سابىق مۇھاپىزەتچىسىنىڭ گېرمانىيەگە قايتا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى: «گېرمانىيەدە ئاشقۇن ئىرقچى كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى بارغانچە ئاشماقتا، گېرمانىيەدە تەخمىنەن 24مىڭ ئاشقۇن ئىرقچى بار، ھەر ئىككى ئاشقۇن ئىرقچىدىن بىرسى زوراۋانلىققا مايىل بولۇپ، كۆپ قىسمى قورال ئىشلىتىش تەجرىبىسىگە ئىگە.»

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان ئەل پايىس (El País)گېزىتى، ئامېرىكانىڭ ئىراننى ئۇممان قولتۇقىدىكى ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر  قىلدى.

يەنە ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئەل مۇندو» (El Mundo)گېزىتى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇليان ئاسېنجنى ئامېرىكا قايتۇرۇپ بېرىشقا مۇناسىۋەتلىك لايىھەنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇبادا چىقىدىغان «پرېنسا لاتىنا» ( Prensa Latina)گېزىتى، چې گۇۋارانىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 91-يىللىقىدا ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلگەنلىكىنى يازدى.

لې موندو (Le Monde ) گېزىتى، شىۋېتسارىيەدە ئاياللارنىڭ باراۋەرسىزلىككە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشقا تاشلاشقا چاقىرىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.  

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيېن » (Le Parisien )گېزىتى، فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر كىرىزىسى پارتىلغاندىن بۇيان، ساقچىلار ئىشلىتىدىغان «مۇداپىئە توپ ئاتقۇچىسى - LBD »نى ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

لى فىگارو (Le Figaro )گېزىتى، سۈرىيەدىكى فىرانسۇز بالىلارنىڭ تاغىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا فىرانسىيە ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقىنى يازدى.

كوممېرسانت  (Kommersant)گېزىتى، پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ بۇ يىلقى گ-20 ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا كۆرۈشۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

« Lenta.ru » تور بېتى، ياۋروپا بىلەن رۇسىيەنىڭ دوللاردىن قۇتۇلۇش ، شۇنداقلا رۇبلى ۋە ياۋرو بىلەن سودا قىلىش توغرۇلۇق كېڭەش ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدىكى رىيا نوۋوستى (RİA Novosti Ajansı) ئاگېنتلىقى، قىرىم كۆۋرۈكىدىكى تۆمۈر يول لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر