چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 13.06.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1218017
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 13.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، «ئىران رايونغا ۋە دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بىر دۆلەت» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى» دە، يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خەلقئارا ئەبھە ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «‹ئەلھايات› گېزىتى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خەلقئارا ئەبھە ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىككە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ Frankfurter Allgemeine Zeitung› گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: « گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ يېڭى مەنزىلگاھى، باھاسىنىڭ ئەرزان، مۇلازىمىتىنىڭ ياخشى بولۇشى سەۋەبلىك تۈركىيە، مىسىر ۋە تۇنىس بولدى، شۇنىڭ بىلەن، ئىسپانىيەنىڭ مايوركا ساھىللىرى بوش قالدى.»

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىسپانىيە بىلەن مېكسىكا لوپېز ئوبرادورنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھىغا يوللىغان مەكتۇبى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا. ئوبرادور ئىسپانىيەدىن مۇستەملىكە دەۋرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن كەچۈرۈپ سورىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيەدە تەخمىنەن 2 مىليون كىشىنىڭ «ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز» دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار تالاش – تارتىشلارنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، «رۇسىيە  – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرى ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، «ۋاشىنگتون پولشادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى زورايتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹ France 24 › تېلېۋىزىيە قانىلى»، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى يېنىكلىش ئۈچۈن ئىراندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، «ئەنگلىيەدە تېرېسا مېينىڭ ئورنىنى بېسىش رىقابىتىدە تۇنجى زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر