12.06.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

12.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «Zdf.de» تور بېتى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاسنىڭ تېھراندىكى زىيارىتىدە يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى» (Alsharq Alawsat)، 2015-يىلى «ئاياللار» تېمىسىدا ئېچىلغان كونفېرانسقا قاتناشقاندىن كېيىن، ئىراندا قولغا ئېلىنغان لىۋانلىق كارخانىچى نەزار زەككانىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى  خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەل قاتارىييا گېزىتى» (Al-Raya Al-Katariya)، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئىشلىتىۋاتقان بەزى سودا-سانائەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات گېزىتى»،  ئىراننىڭ «نىيۇ يورك تايمېس گېزىتى» (New York Times) نىڭ مۇخبىرىنىڭ كېنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ «دادىز» (Cádiz) ھەربىي بازىسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پېرۇدا چىقىدىغان «ئېل كومېرتىيو گېزىتى» (El Comercio)، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە ساياھەتكە كەلگەن ئامېرىكالىق ساياھەتچىلەرنىڭ سىرلىق ئۆلۈملىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بىر يىل ئىچىدىلا ئالتە ئامېرىكالىق ساياھەتچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (Rus Ria Novosti)، توقايېۋنىڭ قازاقىستان پىرېزىدېنتى بولۇپ رەسمىي ۋەزىپىسىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان مۇخبىر ئىۋان گولۇنوۋنى نەزەربەنت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، رۇسىيەلىكلەرنىڭ 12-ئىيۇن دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

  

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro )،  ماكروننىڭ G7  يىغىنىدىن بۇرۇن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن «قايتىدىن دىنامىك» شەكىللەندۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر