10.06.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

10.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «گېرمانىيە ئاۋازى»، كۆلننىڭ تۈركلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كېئۇپ كوچىسىدىكى بەزى پوچتا ساندۇقلىرىغا مۇسۇلمانلارغا تەھدىت سېلىنغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى سېلىپ قويۇلغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ N-TV.de تاراتقۇسى، خىرىستىيان دېموكراتلارنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ ۋېسېر – كۇرىئېر گېزىتى، گېرمانىيەلىكلەر ئارىسىدىكى يالغۇزلۇقنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىئا» گېزىتى، يۇقىرى سوتىنىڭ «كاتالونىيە مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى» سەۋەبىدىن تۈرمىدىكىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنى سوت كۈنىگىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكىدا چىقىدىغان «ئېل ئۇنىۋېرسال » گېزىتى، مېكسىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سودا كېلىشىمىدىن كېيىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 38 قۇرۇش قىممىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ABC» گېزىتى، رافائېل نادالنىڭ پارىژدا چوقۇم چېمپىيون بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لوندوندا چىقىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، پىرېزىدېنت ھادىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن، (يەمەن) باش مىنىستىرىنىڭ ئەتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى يەنە، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ «ئوتتۇرا شەرقتە پەلەستىنلىكلەر قوبۇل قىلىدىغان ھەرقانداق تىنچلىق پىلانىنى قوللايمىز» دېگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

مىسىرنىڭ «ئەلئېھرام» گېزىتى، سۇدانلىق نامايىشچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى مەمۇرىي ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچە داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان  «لې فىگارو» گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ (ئىسرائىلىيەنىڭ) قوشۇۋېلىش ھەققىنى ئاقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەنىڭ «لې سوئىر» گېزىتى، مىگۇئېل بورىنى سەۋەبىدىن فىرانسىيەدىكى 15000 ئەتراپىدا ئۆيدە توك توختاش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «لې تېپمس» گېزىتى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياۋروپا بىلەن قايتىدىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ، دەپ ئويلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «ۋېدوموستى»، «كوممېرسانت» ۋە «ر ب ك» قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ، ژۇرنالىست ئىۋان گولۇنوۋنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنىشى توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىۋان گولۇنوۋ دېلوسىغا ئالاقىدار دەلىللەرنى ئىشەنچلىك دەپ قارىمايمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، دۇنيا بانكىسىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادى دۇچ كېلىدىغان خەۋپلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، قاسىم جومارت توكايېۋنىڭ قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %70.76 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر