چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 30.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 30.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لىۋاندا چىقىدىغان «‹ئەلھايات› گېزىتى»، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە تېھران شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆلتۈرۈۋتكەن رەپىقىسنى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياپونىيەنىڭ يېڭى ئىمپېراتورى بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى چەت ئەللىك رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى» دە، ئىيوردانىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى كەمال ئەبۇ جابىرنىڭ، «قاتارنىڭ مەككە باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىشى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دوھانىڭ بۈيۈك رولىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلدى.

«‹ N-TV.de › خەۋەرلەر تورى»،  «خۇئاۋېي شىركىتى ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم بازىرى بولغان گېرمانىيە ئۈچۈن  كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. شىركەت (Ark OS)  پاتېنت ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، مېكسىكىدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىپ، كەم دېگەندە 23 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ GAZETEM. RU  › خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرى ئىيۇن ئېيىدا قۇددۇستا ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.»

«‹ Türkrus › خەۋەرلەر تورى»، ئاسىيا تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئورگىنىنىڭ، «ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلىرى» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى 3 دەرىجىگە كىرەلمىگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Sputnik› خەۋەرلەر تورى»، سپۇتنىكنىڭ لاتۋىيە تەھرىرىرىنىڭ ئايرودۇرۇمدا قولغا ئېلىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن بىر پىلان ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «<لې تېمپس> گېزىتى» (Le Temps)، دە، ليون ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارىنىڭ پارتلاتقۇچنى تەييارلىغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان  «‹ Le Soir › گېزىتى»، خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى «ئىقتىسادىي تېررورىزم» بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر