29.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

29.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى» (Alsharq Alawsat)، فىرانسىيەنىڭ باغداد ھۆكۈمىتىنى فىرانسىيە پۇقراسى بەش دائېشچىغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەسلىككە چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەل قاتارىييا گېزىتى» (Al-Raya Al-Katariya)، ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىلىكلەرنى ئۆلتۈرگەن ئەسكەرلەرگە ئالاھىدە ئىمتىياز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان فرانكفۇرتېر ئالگېماينې زېيتۇڭ گېزىتى»، ھۆكۈمەتنىڭ ئانتىسېمىتزم مەسئۇلىنىڭ پۈتكۈل گېرمانىيە خەلقىنى شەنبە كۈنى (1-ئىيۇن) يەھۇدىيلارنىڭ دوپپىسىنى كىيىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوباي گېزىتى» (Infobae)، ۋېنېزۇئېلانىڭ 2018-يىلىنى %130.060 پۇل پاخاللىقى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (Telesur)، كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگېز (Bruno Rodriguez) نىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيسارىيەدە چىقىدىغان «لې تېمپس» (Le Temps)، فىرانسىيەدە ماكرون – لۆپەن دۇئېلىنىڭ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۈسۋا گېزىتى» (Le Soir)، بىريۇسسېلدا 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ يۈكسېلىشىگە قارشى نامايىش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا باشلانغان ياۋرو-ئاسىيا ئالىي ئىقتىساد كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستانغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، بىريۇسسېلدا ياۋروپانىڭ ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىلىرىنى قولدا تۇتۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ رۇسئونلاين ئىنتېرنېت بېتى (rusonline)، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى ئاندرېي ئلنىتسكينىڭ (Andrei Ilnitsky)، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى باسىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya) رۇسىيە ھاۋا-ئالەم ئارمىيەسىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 20 دانە يېڭى ئەۋلاد «Su-35S » ئايروپىلانىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر