28.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

28.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە بىر ھەربىي نۇقتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر يازغۇچىنىڭ، ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ پائالىيەتلىرىنى رىياد ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلغانلىقىنى، قاتىللارنىڭ جامال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈشتىن 48 سائەت ئىلگىرى دۇخوپكىغا ئوت قالاش ئارقىلىق تەييارلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى،  ھەمدە جامال قاشىقچىنىڭ ئورگانلىرىنى دۇخوپكىدا كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «‹ئەررىياد› گېزىتى» دە، 14 – نۆۋەتلىك ئىسلام ئەللىرى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Weser-Kurier ›  ئاخبارات ئورگىنى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن ئىران بىلەن بولغان سودىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىراننى تەرك ئېتىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Welt› تېلېۋىزىيە قانىلى»، 2019 – يىللىق ياۋروپا پارلامېنتى  سايلىمىدا گېرمانىيەدىكى ئوڭچىل AfD پارتىيەسىنىڭ  شەرقىي گېرمانىيەدىكى ھالقىلىق پارتىيە بولۇش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى»، فىرانسىيەدىكى ھەر 8 ئۆلۈمدىن بىرىگە تاماكا چېكىش سەۋەب بولىدىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»،  مالىيە مىنىستىرى لې مائىرېنىڭ، Renaul-Fiat  شىركەتلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئۈچۈن،  فىرانسىيەدىكى ھېچبىر زاۋۇتنىڭ تاقالماسلىقىنى شەرت قوشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، 2018 – يىلى تېررورىزم مەزمۇن قىلىنغان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ 3 تىن بىر پىرسەنت ئازايغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى زىيارەت قىلىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سوتسىيالىستلار ۋە لىبېرالىستلارنىڭ كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ياتىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، كىيېۋنىڭ «كېرچ بوغۇزى» غا خەلقئارالىق سالاھىيەت قازاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋنىڭ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، رۇسلارنىڭ تۆتتىن بىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك چىقىملىرىنى قىسىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر