24.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1207446
24.05.2019

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «Welt» گېزىتى، جانكېرنىڭ پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ئوينىغان رولى ئۈچۈن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى مەدھىيەلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Deutsche Welle (DW)» تورى، ياۋروپا پارمېنتىدا سايلاملانىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

«Süddeutsche Zeitung (SZ)» گېزىتى، بوچ شىركىتىنىڭ ئىس چىقارغۇچ ئۈسكىنىسىدە يۈز بەرگەن شەرمەندىچىلىك سەۋەبىدىن 90 مىليون ياۋرو جەرىمانە تۆلەشكەن مەجبۇر بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان «Alsharq Alawsat» سۇدان ۋاقىتلىق مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقىنىڭ سەئۇدى ئەربىستانغا زىيارەتكە ماڭغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «Al-Raya Al-Katariya» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قاتارنى ئىشغال قىلىپ تەبىئىي گازىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «Al-  Hayat» گېزىتى، لىۋان مىنىستىرلار كېڭىشىدىكى ھوقۇق ۋە ئېلىنىدىغان قارارلار جەھەتتىكى تالاش - تارتىشلار سەۋەبىدىن دۆلەت خام چۆتىنىڭ تەستىقتىن ئۆتمەيۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Parisien» گېزىتى، ئوتتۇرا ئافرىقىدا بۇ قېتىمقى قەتلىئامدىن كېيىن، 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سىۋېيېتسارىيەدە چىقىدىغان «Le Temps» گېزىتى، ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرى دائىرىسىدە گوللاندىيەدە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ كۈتۈلمىگەن زەپەرگە ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Figaro» گېزىتى، «لىۋىيە ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ تەخمىنەن 300 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Mundo» گېزىتى، ئامېرىكىنىڭ جۇلىئان ئاسسەنج ھەققىدە 18 جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى ۋە بۇ جىنايەتلەردىن بىرىسنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «El Periodiquito» گېزىتى، كوستا رىكا پىرېزىدېنتى كارلوس ئالۋارادونىڭ نىكاراگۇئا ۋە ۋېنېزۇئېلادىكى سىياسىي كىرىزىسلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەربىي يولنىڭ ھەرگىزمۇ بىر تاللاش بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيدە چىقىدىغان «Expansión» گېزىتى، ئىسپانىيە مەركەز بانكىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دۆلەت ئىقتىسادىدىكى قەرز نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەشنى داۋملاشتۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر