22.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

22.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ « فرانكفۇرتېر ئالگېرمېينى زېيتۇڭ» گېزىتى، ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كۇرزنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىشەنچ ئاۋازىغا قويۇلىدىغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «زدف.دې» گېزىتى بولسا، يېڭى بېسىلغان 100 ۋە 200 ياۋرولۇق قەغەز پۇللارنىڭ 28 – مايدا ئىشلىتىلىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى (DW)، گېرمانلارنىڭ ھەممىدىن بەك شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا ئىشنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىلىنغۇسى ئىران ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ۋە «خەۋپنىڭ يۇقىرىلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

ئەنگلىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، ئامېرىكىلىق پالاتا ئەزالىرى ترامپ رەھبەرلىكىنىڭ ئىرانغا ئالاقىدار سۆزلىرىنى يۇمشىتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئەلھايات» گېزىتى، مايك پومپېيونىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قىرغاقلىرىغا قىلىنغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ بولۇشى كۈچلۈك ئېھتىماللىق» دېگەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائېس» گېزىتى، «ئاياللار پارلامېنتنى پەتھى قىلدى» تېمىلىق خەۋىرىدە، ئىسپانىيەدە يېڭى شەكىللەنگەن پارلامېنتنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ تەڭ – باراۋەرلىكچى پارلامېنتى بولغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ 350 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتنىڭ %47.4 گە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىلىدا چىقىدىغان «لا ترىبۇنا» گېزىتى، تۈركىيە نېكولاس مادۇرونى قوللىغانلىقى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان چەتنىڭ بېسىملىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پېرىئودىكو» گېزىتى، دېكابىر ئېيىدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى بەشىنچى بالا مۇساپىرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، تىرېسا مېينىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش پىلانىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئاخىرقى كارتىسىنى ئويناپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ فرانس-24 خەۋەرلەر قانىلى، دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ «ئىران تەھدىتىگە ئىلنىشىپ قالغان» لىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر