21.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

21.05.2019

ۋېلت گېزىتى، « ئاۋسترالىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى مىنىستىرلىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلار ۋە مۇساپىرلارنى جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن زور چىقىم سەرپ قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان « Süddeutsche Zeitung » گېزىتى، «يېزا-قىشلاقلارنىڭ مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر قىلدى.

كۇبا خەۋەر ئاگېنتلىقى «پرېنسا لاتىنا»( Prensa Latina)، مېكسىكا ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىسپانىيەدىكى دىگىتال گېزىت « كونفىدېنشېل» ( El Confidencial)، مادۇرونىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنىدىكى مەملىكەتلىك مەجلىس سايلاملىرىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلۈشى لازىملىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «پېرىيودىكو»گېزىتى (Periódico)، مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رايون دۆلەتلىرىنى كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى،«ئىران ترامپقا دۇئېل ئېلان  قىلدى، ترامپنىڭ ئىران بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات» گېزىتى، ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىشىنى تۆت ھەسسە ئاشۇرغانلىقىنى يازدى.

ئەلجەزىرە تورى، شىئە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر ئايرودۇرۇمنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 فىرانسىيەدە چىقىدىغان  «لې پارىسىئېن» گېزىتى، «ترامپ بىلەن كۈيئوغلۇنىڭ بانكا ھېسابىغا گۇمان بىلەن  قارالماقتا»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، ئاۋسترالىيەدىكى ئاشقۇن مىللەتچى پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى يازدى.

بېلگىيەدىكى «لې سويىر»گېزىتى، «ترامپ بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلان قىلىندى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

رۇسىيەدىكى «رىيا نوۋوستى»خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئابخازىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ چوڭ يوللاردىكى ساقچى كونترول ئېغىزلىرىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقلىرىنى يازدى.

ئىزۋېستىيا گېزىتى، ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا كېڭىشى دائىمىي ئەزاسى دىمىترىي كۇلەبانىڭ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسىگە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر