20.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

20.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات» گېزىتى،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ،  ئىران جەڭ قىلىشنى خالىسا، بۇ ئۇنىڭ نىھايىتى بولىدۇ، دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، ئافغانىستاندا، ئىراننىڭ بىر بانكىسىنىڭ پۇل ئاقلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى يازدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ، يەمەننىڭ جەنۇبىنى پارچىلاش پىلانلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «ۋېلت» گېزىتى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاسنىڭ ئايروپىلاندا كۆرۈلگەن كاشىلا تۈپەيلى بۇلغارىيەدىكى ئۇچرىشىشقا كېچىكىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى (DW)، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ شەنگەن (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) رايونلىرىدا ساياھەت قىلىشىنىڭ قىيىنلاشقانلىقىنى يازدى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «سۈددېئۇتچې زېيتۇڭ» گېزىتى، ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرىنىڭ، ئەركىنلىك پارتىيەسىگە ئەزا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كىكېلدىن قۇتۇلۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائېس» گېزىتى، ئىسپانىيە سوتىنىڭ، پارلامېنتنىڭ «پروسېس» دېلوسى دائىرىسىدە تۇتۇلغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.  («پروسېس» دېلوسى: قاماقتىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارى كاتالان رەھبەرلەر دېلوسىنى كۆرسىتىدۇ.)

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلا بىلەن رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك يىغىنلىرىدا ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى يادى.

كۇبانىڭ «گرانما» گېزىتى، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىئاز – كانېل بىلەن ھاۋانادا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، ۋېنېزۇئېلا ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، ئۇكرائىنادا ئۇكرائىنچىنىڭ رەسمىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئالاقىدار قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رۇسىيەگە قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «رامبلېر» خەۋەرلەر تورى، پېترو پوروشېنكونىڭ، زېلېنىسكىنىڭ بۈگۈنكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن تۈرمىگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، شىۋېيتسارىيەلىكلەرنىڭ قورال قانۇنىنىڭ چىڭىتىلىشىنى ماقۇللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان  «لې پارىسىئېن» گېزىتى، پارىژدا تاكسى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى بىلەن شوپۇرلۇق كۇرسلىرىنىڭ بۈگۈن نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو» گېزىتى، (فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى) كاستانېرنىڭ، كۆچمەنلىك ۋە تېررورلۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن پىل چىشى قىرغىقىغا كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر