17.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

17.05.2019

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:گېرمانىيەدە چىقىدىغان «Welt» گېزىتى، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ھېچقانداق ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

«Deutsche Welle (DW)» تورى، گېرمانىيەدە مەكتەپلەردە روزا تۇتۇشنىڭ تالاش - تارتىشى باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Süddeutsche Zeitung (SZ)» تورى، بىر تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدە تەخمىنەن 8 مىليون ئىنساننىڭ چېكىدىن ئارتۇق ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى، ھەتتا خىزمەت ئورنىدىمۇ شۇنداقلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «Alsharq Alawsat» گېزىتى، دۈبەيدە بىر كىچىك ئايروپلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە 4 يولۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «Al-Raya Al-Katariya» گېزىتى، كۈۋەيتنىڭ رايوندا پات يېقىندا بىر ئۇرۇش چىقىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «Al-  Hayat» گېزىتى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىملىرىغا باھا بېرىپ، «بۇ بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش ھەركىتى بولدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «El Sol de México» گېزىتى، ترامپ سۇنغان يېڭى كۈچمەن پىلانىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El País» گېزىتى، ۋوكس پارتىيەسىنىڭ كېئۇتا[1] شەھىرىدە تام سېلىش تەكلىپىنىڭ پ پ پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچى نىسبىتىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «Infobae» گېزىتى، ئۆكتىچى رەھبەر گۇايدونىڭ نورۋېگىيەدە «مادۇرو دىكتارتورلىقى بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋەكىللەرنىڭ بار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Monde» گېزىتى، «دونالد ترامپ "ھەقلىق بولۇش"نى ئاساس قىلغان بىر كۆچمەنلىك مۆدىلىنى خالايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«Le Parisien» گېزىتى، پارىژ ترانسپورت شىركىتى بىلەن «Airbus» نىڭ پارىژ ئاسمىنىدا يولۇچىلارنى تەقسىتلىك بېلەت باھاسى بىلەن ئۇچۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«France 24» قانىلى «ETA» نىڭ سابىق باشلىقى چوسۇ تېرنېرانىڭ فىرانسىيەدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Lenta.ru» خەۋەرلەر تورى، ئامېرىكىنىڭ چېچەن ئالاھىدە قىسىملىرىغا قارشى بىر تۈركۈم ئىمبارگولارنى يولغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى «TASS»، ئامېرىكىنىڭ ماگنىتسىكى (جازالاش) قانۇنىي ئېمبارگولىرىغا رۇسىيەنىڭ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «RİA Novosti» ئاگېنتلىقى يېڭىدىن سايلانغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىنىڭ پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 

[1] > كېئۇتا - ئسپانيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى بىر شەھىرى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر