چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 11.04.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1181461
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 11.04.2019

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، سۇداندىن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش خەۋەرلىرىنىڭ كېلۋىاتقانلىقىنى، سۇدان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باياننامە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررۇئيۇل قەتەرىييە› گېزىتى»، قاتار مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالسانىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى يازدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان  «<ئەررىياد› گېزىتى» دە، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ، ئامېرىكا – سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، لىۋىيەنىڭ ترابلۇس شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قاتتىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەپلەردىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «‹ Le temps  › گېزىتى»، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى 31 – ئۆكتەبىرگىچە كېچىكتۈرۈش مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پۈتۈشكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، 28 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ پەقەت % 8 تىنىڭلا ئىلتىماس سۇلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

كولومبىيەدە چىقىدىغان «‹ La República › گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كولومبىيەنى زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن قارا قوللار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىىرىنى ئامېرىكىغا مەقسەتلىك ھالدا ئەۋەتىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ DW › خەۋەرلەر تورى»، «نېمىسچىنى پىششىق بىلىش گېرمانىيە بىلەن ماسلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىمۇ قانداق؟» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، كۆپلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇشتا تىل قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ ARD› تېلېۋىزىيە قانىلى»، ئالىملارنىڭ «قارا ئۆڭكۈر» نىڭ تۇنجى كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلىشىنىڭ، «نىسپىيىلىك نەزەرىيەسى» نىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تولستوينىڭ، «ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ رۇسىيەنى قايتىدىن چاقىرىش قارارى، رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، رۇسىيەدە ئۇداۋ تاپانچىسىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئىشلەپچىقىرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە بىلەن ئىمزالىغان ئىستىراتېگىيەلىك قورال – ياراغلارنى چەكلەش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى خالايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر