10.04.2019
بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى» (Alsharq Alawsat)، پەلەستىننىڭ ئىسىرائىلىيە سايلىمىنى تەنقىد قىلىپ، «تىنچلىقنى رەت قىلىش» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى ىەۋەر قىلدى.
قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەل قاتارىييا گېزىتى» (Al-Raya Al-Katariya)، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ، مىسىر رۇسىيەدىن ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋالغان تەقدىردە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات گېزىتى»، مىسىر پىرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ت-ئونلاين تور بېتى» (T-Online)، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە رۇسىيە بىلەن قورال كېلىشىمى تۈزۈش مەسىلىسىدە بېسىمنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېرمانىيەنىڭ «ستېرن ژۇرنىلى» (Stern)، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېينىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «لې تېمپس گېزىتى» (Le Temps)، خىتاينى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۇنيادا ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، 2018-يىلىدا فىرانسىيەگە رېكورت سەۋىيەدە ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسيېن گېزىتى» (Le Parisien)، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىنىڭ دېڭىز يۈزى سەۋىيەسىنى تېز سۈرئەتتە كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (Telesur)، بولىۋىيە پىرېزىدېنتى ئېۋونىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىققا تايانغان ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل كومېركىيو گېزىتى» (El Comercio)، ۋېنېزۇئېلادا يېڭى يۈز بەرگەن توك كېتىش ھادىسىسىنىڭ، پايتەخت كاراكاس ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشتاتنى قاراڭغۇلۇقتا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بولىۋىيەدە چىقىدىغان «ئوپىنيىن گېزىتى» (Opinión)، بولىۋىيە پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېس (Evo Morales) نىڭ تۈركىيە ئەلچىخانا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە 500 مىليون دوللارلىق سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى پىلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ گولان ئېگىزلىكى ۋە قىرىم يېرىم ئارىلى مەسىلىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant’)، ھىندىستاننىڭ يەنە رۇسىيەدىن بىر قانچە يۈز دانە «T-90» تىپلىق تانكا سېتىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti’)، رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى كاسپېرسكي (Kaspersky’) نىڭ ئوتتۇرا شەرقتە بىر سىياسىي سىبەر جاسوسلۇق پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.