03.04.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1176181
03.04.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى»، گېرمانىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، ناتونىڭ ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىنىڭ كېرچ بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى»، 2019-يىلى مارت ئېيىدا ياۋروپادىكى ھەربىي بازىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكا «B-52 » بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ رۇسىيەگە تەقلىدىي يادرو ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (Ria Novosti)، ئامېرىكانىڭ بىر قاتار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن كېيىن، « F-35» ئايروپىلانى پىروگراممىسىدا تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بولىۋىيەدە چىقىدىغان «لا رازون گېزىتى» (La Razón)، بولىۋىىيە پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېس (Evo Morales) نىڭ 9-ئاپرېل تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيەدە كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «ئېل يۇنىۋېرسال گېزىتى» (El Universal)، ۋېنېزۇئېلا قۇرغۇچى پارلامېنتنىڭ خۇەن گۇايدونىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، بىرازىلىيە بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق دەۋرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro )، ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندە ئالجىرىيەنىڭ بۇتېفلىكا بولمىغان كۈندە ئويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى» (ALSHARQ ALAWSAT)، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنقەرەنى « S-400»  تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ئەنقەرەگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر