19.03.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1166438
19.03.2019

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان « ئەششەرق ئەلئەۋسات » گېزىتى، سۈرىيەدىكى ئالەۋىلەر بىلەن سۈننىيلەر ئوتتۇرىسىدا بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەخپىي ئۇچرىشىشنىڭ سىرلىرىنىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بەھرەيىندە چىقىدىغان«ئەخبار ئەل-خالىج»گېزىتى، يەمەن مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ مىسىردا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «Franfurter Allgemeine Zeitung» گېزىتى، «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى پەرقلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا تەييارلانماقتا»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان « ئەررايە ئەلقاتارىييە » گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە بىن سەلماننىڭ، ئۆكتىچىلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى.

« Le Parisien » گېزىتى، «سېرىق جىلىتكىلىكلەر: زوراۋانلىققا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر ئۈنۈملۈك بولامدۇ؟ دېيىشتى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

« ARD »تېلېۋىزىيە قانىلى، ب د ت نىڭ سۇغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە،دۇنيادىكى ھەر بىر تامچە سۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

« فىرانسىيە-24» ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلى، «گوللاندىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى تۇتۇلدى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان  قىلدى.

« فىرانسىيە-24» ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلى  يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى: باش مىنىستىرىمىز چرىستچېرچ ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچىنىڭ نامىنى ھېچقانداق ۋاقىتتا تىلغا ئالمايدۇ، دەپ بايانات بەردى.»

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان « El Pais » گېزىتى، ئىسپانىيە  ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇش يولىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان « Telesur » گېزىتى، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا تەۋە ئەلچىخانا ۋە كونسولخانىلارنى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇس خەۋەر ئاگېنتلىقى رىيا نوۋوستى، رۇسىيە مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ <بورېي>تىپلىق راكېتامىيوت كېمىسىنىڭ سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدىكى خەۋەر تور بەتلىرىدىن « www. lenta.ru  »، «رۇسىيە قىرىمغا ياۋروپانىڭ ھەر قانداق يېرىگە زەربە بېرەلەيدىغان قوراللارنى ئورۇنلاشتۇردى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان « İzvestiya»گېزىتى، رۇسىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئاپرېل ئېيىدىمۇ تېمپېراتۇرانىڭ نۆلدىن تۆۋەن 30 گرادۇس بولىدىغانلىقىنى يازدى.»


خەتكۈچ: #Le Parisien

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر