چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 07.03.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1158942
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 07.03.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاخىرقى قەلئەسىدە، جەسەت پۇراقلىرىنىڭ ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى، بۇ قەلئەدە قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ئوي يەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «‹ئەلمۇستەقبەل› گېزىتى»،  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ مەسىلىدە كەينىگە چېكىنمەيمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررۇئيۇل قەتەرىييە› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، قاتارنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، دوھانىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بولسا كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«‹گېرمانىيە ھەپتىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى ژۇرنىلى› Wirtschaftswoche »، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى % 6 -7 تۆۋەنلىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹گېرمانىيە ئاۋازى› DW »، ۋېنېزۇئېلانىڭ گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ ARD› تېلېۋىزىيە قانىلى»، كۆچمەنلەر ئارىسىدا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ ھەقتە بېرىلگەن مىڭلارچە ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى» دە، ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ۋېنېزۇئېلا – ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو گېرمانىيەلىك دىپلوماتنى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەيدىكەن.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo) نىڭ خەۋىرىدە، باسك رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەقىقات نەتىجىسىدە، 2018 – يىلى ئاياللارغا قارىتا فىزىكىلىق ۋە جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىدە % 28.7 ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەنىڭ «‹ France 24 › تېلېۋىزىيە قانىلى»،  فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئاننىڭ، «ئالجىرىيەدە سايلام باسقۇچىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى كۈتۈش لازىم» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde) نىڭ خەۋىرىدە، مۇنداق دېيىلدى: «خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.»

 فىرانسىيەدە چىقىدىغان «< Libération> گېزىتى»،  «كانادادا سىياسىي بوران – چاپقۇننىڭ باش مىنىستىر جاستىن ترۇدوغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ Izvestiya› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، رۇسىيەنىڭ « Su-27» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بالتىق دېڭىزى ئۈستىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ « RC-135» تىپلىق رازۋېدكا ئايروپىلانىنى كۆزىتىشىگە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ Nezavisimaya Gazeta › گېزىتى»، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى: «رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا سىممېترىك جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقى بار.»

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ قىرىم مەسىلىسىگە ئالاقىدار  پوزىتسىيەسىنى قوللىماقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىلى، بېلارۇسىيەنىڭ قىرىمنىڭ رۇسىيەنىڭ ھاكىمىيەت دائىرىسىدگە كىرىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلماسلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر